ئۇيغۇرچە
عربي
Türkçe
English
ھەققىمىزدە

 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ غايە - مەقسەتلىرى

خىتاي كوممۇنىستلار گوروھى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىزنى باش كۆتەرتمەي، زۇلۇم قىلىپ باستۇرۇپ كەلمەكتە.  خەلقىمىز ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈردى . نۇرغۇن ئالىملىرىمىز، زىيالىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى ۋە تۈرمىگە قامالدى. تارىخى ئەسەرلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى.  مەدىرىس ۋە مەسىچدلىرىمىز توڭگۇز باقدىغان ئېغىلغا ئايلاندۇرۇلدى ياكى چېقىۋىتلدى. خىتاي كۆچمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە يەرلەشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مال – مۈلكى، يەر- ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمىزنى ئانىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلدى. ئادالەتسىزلىك چېكىدىن ئاشتى ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق ئەۋج ئالدى، تىل ، دىن ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ  يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىشى ، خەلقىمىزنىڭ نادانلىق پاتقىدىن قۇتۇلۇشى ، 21 ‏- ئەسىردىكى دۇنيا تەرەققىياتى ۋە بىلىم سەۋىيىسىگە ماسلىشىشپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن  مىللىتىمىزنىڭ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىگىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن شانلىق ئەجدادىمىزغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا بىلىم ئېلىش، بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى بولۇپ قالدى.

 ۋەتەن ‏- خەلقىگە خىزمەت قىلىش ھىس تۇيغۇسىغا ئىگە ئوت يۈرەك ۋەتەن ئوغلانلىرى، يالغۇز بېشىغا خىزمەت قىلىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن بىرلىك، بارابەرلىكتە  خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە ئىستانبۇل شەھرىگە جەم بولۇپ ئورتاق پىكىرلىشىش نەتىجىسىدە 2006 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە \" شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى\" نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇپ چىقتى.

 جەمئىيتىمىز،  ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ساھەلەردە خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. 

 نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىز، خەلقىمىزنىڭ بىلىم ‏- سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، بىرلىك ئىتتىپاقلىق روھىنى كۈچەيتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دەپ قارالغان ئوقۇ ‏---=--- -  ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ‏- تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ‏- مىللەت ۋە دۇنيا كۆز قارىشىنى كېڭەيتىش، ئاڭ ‏- سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ.

 شۇ جۈملىدىن بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ :

1 ‏- مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان خىزمەت پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش. 

2 ‏- ئالاقىدار، جەمئىيەت، ئورگان ۋە مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاش ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش.

3 ‏- ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بولغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش  ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش.

4 ‏- خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادى، مىللى مائارىپى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش.

5 ‏- خەلقىمىزنى توغرا پىكىر،  كۆز قاراشقا يىتەكلەش، ھەققانىيەتكە ئۈندەش، ئازاتلىققا ئىنتىلىش ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقرىق قىلىش مەقسىتىدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كىتاب، ژۇرنال، ئۇن ‏- سىن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ نەشىر قىلىپ تارقىتىش. ئىنتېرنېت توردىن ئىبارەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق  ۋەتەن خەلقىمىزگە ئالاقىدار توغرا ئۇچۇر ‏ ۋە خەۋەرلەرنى ۋاقىتدا يەتكۈزۈش.

 جەمئىيىتىمىز، ئاسارەتتە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا، ۋەتەننىڭ ئەمەلى شەرت ‏-  شارائىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

جەمئىيىتىمىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى بولغان ، دىنى ئېتىقادى ساغلام ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى جەمئىيتىمىزگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ قارايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 - يىلى قۇرۇلغاندىن بىرى يىلدىن يىلغا ئاكتىپ خىزمەت - پائالىيەت قىلىپ خىزمەت دائىرلىرىنى كېڭەيمەكتە. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى كېڭەيدى ۋە بىر قانچە شۆبە ۋە بۆلۈملەر قۇرۇلدى. 

جەمئىيەتنىڭ، مائارىپ  تەلىم - تەربىيە بۆلۈمى. تاشقى مۇناسىۋەت ۋە سىياسى خىزمەت بۆلۈمى، ئىجتىمائى خىزمەت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملىرى بار ۋە ۋەكالەتچى ئىش بېجىرىش شۆبىلىرى ئېچىلدى. 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شۆبىلەر: ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي قاتارلىق رايونلاردا شۆبىلەر قۇرۇلدى. 

تەتقىقات بۆلۈمى: شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بۆلۈمى. 

 

تەرجىمە ۋە نەشىرىيات بۆلۈمى: سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى.

 

تەشۋىقات بۆلۈمى: ئىستىقلال تور رادىئو - تور تېلېۋىزىيە بۆلۈمى. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە ئۇنىۋېرىسىتىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش راسخوتى بېرىش، تۇرالغۇ ئورۇن تەييارلاش، ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي ۋە ئاق ساراي قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا، ئانا تىل يەسلى سىىنىپلىرى تەييارلاپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىجىتمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى ۋە ئاممىۋىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇپ ئۇ تەشكىلاتلار بىلەن خىزمەتلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

جەمئىيەتنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتھ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي قاتارلىق ئورۇنلىرىدا شۆبىلىرى ئېچىلدى. بۇ شۆبىلەر ئىجتىمائىي خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ھەر شۆبىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلى ئېچىپ، شۇ رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس تەشىۋىقات بۆلۈمى قۇرۇپ كىتاپ نەشىر قىلىش، تەشىۋىقات قىلىش، يىغىن، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر قىلىپ كەلمەكتە.