بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر. (تەۋبە سۈرىسى: 129)
ۋاسىلە ئىبنى ئەسقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، اﷲ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن». [تىرمىزىدىن]
ئاللاھ رازىلىقى مەقسەت قىلىنمىغان سۆزدە، ئاللاھ يولىدا خەجلەنمىگەن پۇل - مالدا، قوپاللىقى سىلىق – سىپايېلىقىدىن غالىب كەلگەن ۋە تاپا – مالامەتتىن قورقۇپ ئاللاھ يولىدا ھەقتىن ئۇزاق تۇرغان كىشىدە ياخشىلىق بولمايدۇ. (ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر)