![]() |
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش
13 02 2010, 00:00
بۈگۈن يەنى 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا، 1933 يىلى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
|
|
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك ھىمايىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە ئوخشىمىغان يەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
بۈگۈن يەنى 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا، 1933 يىلى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق بىر قانچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە سائادەت پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاقلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. 500 كىشىلىك ئاق دېڭىز يىغىن زالى مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى بىلەن لىق تولدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىد بولغان پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى، شەرقىي تۈركسىتان ئىستىقلال مارىشىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ھاجىم ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. يىغىندا يەنە زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان، سائادەت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسئۇلى دوكتۇر سەرۋەت يازىجى ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى شۇنداقلا زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك ، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم قاتارلىق شەخسلەر، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە مەرھۇم ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرەم سۆز قىلىپ، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە دادىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىيەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئەلى خوجا ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ئىنقىلابىي ۋە ئۇ ئىنقىلابنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرى شۇنداقلا 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئەلى خوجا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار، ، بىرىنچىسى، رۇسىيىنىڭ قول سېلىشى، ئىككىنچىسى، خىتاي كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق قىلىشى، ئۈچۈنچىسى ئىش بېشىدىكى باشلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھەر زامان ۋە ھەر يەردە مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار، ئۆز ئارا تالاش - تارتىشلار، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئايرىمچىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى سەلبىي تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك بولمىغىچە، ھەرگىزمۇ مۇستەقىل، ئەركىن، ھۆر بىر دۆلەت قۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بىر ئىبرەتلىك ساۋاق بار.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا ئىگە چىقىپ مەنىۋىي بايلىقلىرىمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئاناتولىيە تۇپراقلىرىنىڭ قىممىتىگە يەتكەن ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىغا ئىگە چىقىپ ياشىغان چاغدا، ئارزۇ ئارمانلىرىمىز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، چۈشلىرىمىز ئەمەلىيلىشىدۇ. ھەسرەتلىرىمىز تۈگەيدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈش بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا نىسپ بولىدۇ ھېچ بولمىسا بىر قىسمىغا نىسپ بولىدۇ. سىلەرنىڭ تۈركىيىدە، زەيتىنبۇرنۇدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، سىلەرنىڭ ۋاستىڭلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆڭۈل بىرلىكىمىز، مېھرى - مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچلىنىۋاتىدۇ تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. بەلكى ئۇ يەردىكى قىيىن ئەھۋاللار ، ئاناتولىيىدە ياشاۋاتقان بىزلەرنى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى كۈچلەندۈرىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىقلاردىن ۋە ئۇ يەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بولىشىغا ۋاسىتە بولىۋاتىدۇ، ئاللاھ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقازغاي جانابى ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلغاي، قىيامەت كۈنىمۇ بۇ يەردىكىگە ئوخشاش كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقىنى ئاستىدا بىرگە تۇرۇشقا نىسپ قىلغاي.
يىغىندا كىچىك بالىلار سەھنىگە چىقىپ، 'يېتىم تۈركىستان' تېمىدا ماقالە ئوقۇدى. ئۇ ماقالە بەك تەسىرلىك بولۇپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى يىغىلاتتى.
يىغىن ئاخىرىدا كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلدى.

