![]() |
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى
02 02 2010, 00:00
ئامېرىكا كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيبلىدى.
|
|
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى
ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى
ئەيبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن
ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوباما ھۆكۈمىتى، كامبودژانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ
بېرىش قارارىدىن قاتتىق قايغۇلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. كامبۇدژانىڭ ھەم ئامېرىكا بىلەن
ھەم خەلقئارا جامائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ قارار سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى
بىلدۈردى.
باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، 7 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن
خىتايدىن قاچقان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە قايغۇلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتايدىن قېچىپ كامبۇدژاگە كەلگەن ۋە ب د
ت مۇساپىرلار كومتېتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 20 نەپەر ئۇيغۇر كامبۇدژا
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلدى.
ئامېرىكا، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كامبۇدژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، خىتاي دۆلەت مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى
شى جىنپىڭنىڭ كامبۇدژادە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ باشلىنىشغا توغرا كەلدى.
خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي
تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە 5 - ئىيۇل كۈنى ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي قۇراللىق ئەسكەرلىرى
ئۇيغۇر ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزگەندىن كېيىن كامبۇدژاغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق
تەلەپ قىلغان 20 ئۇيغۇرنى كامبۇدژا خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.
ئانادولۇ ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ
باياناتچىسى خېئۇ سوفاك، بەرگەن باياناتىدا، 20 ئۇيغۇرنى خىتاي ئەۋەتكەن ئالاھىدە
ھەربى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پنوم پىنھ تىن ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى، خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى
بىلدۈردى.
خىتاي كامبودژاغا ،ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكا، ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا كامبودژادىن ئۇيغۇرلارنى
خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
كامبۇدژا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىكىنى باياناتچىسى كوي كۇڭ ئىلگىرى بەرگەن
باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كامبۇدژاگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقى
ئۈچۈن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك كومتېتىنىڭ باياناتچىسى كىتتى ماكىنسېي،
ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش ياكى بېرىلمەسلىك ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى تېخى پۈتمىگەنلىكىنى
تەكىتلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جىياڭيۇ ئۆتكەن ھەپتە بانايات بېرىپ،
ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت ئىشلەشكە ئارىلاشقانلىقىنى داۋا قىلغان ئىدى.
5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا مىڭلارچە كىشى ئۆلۈپ نەچچە مىڭلىغان
كىشى يارىلانغان ۋە نەچچە مىڭلىغان كىشى ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا
تېنچلىق بىلەن نامايشقا قىلغان 20 مىڭ ئۇيغۇر ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئىز دىرەكسىز يوقاپ
كەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈپ، يارىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغان. نامايىشقا
قاتناشقانلار ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ساق قالغان بىرمۇ كىشى يوق.

