![]() |
ئادنان ئوكتار: شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەسى
02 02 2010, 00:00
دارۋىن نەزىرىيىسىگە يەنى ماتىرىيالىزىمغا قارشى يازغان كىتاپلىرى بىلەن تونۇلغان تۈركىيىلىك مەشھۇر نەزىرىيەشۇناس ئالىم شۇنداقلا بىلىم تەتقىقات ۋەخپىنىڭ پەخرى رەئىسى ئادنان ئوكتار ئەپەندى، يېقىندا، سامسۇن تېلىۋېزىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەسى دەپ باھا بەردى. بۇ پروگرامما سامسۇن تېلىۋېزىيەسىدە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقىتىلدى.
|
|

