ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى
ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى
02 02 2010, 00:00
ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە ئەسكەر ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر

تۈركىيىدە چىقىدىغان خەبەر 7 تور بېتىدە 2009 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى يازغۇچى ئارىفخان پىنار نىڭ "سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى" تېمىدا يازغان بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە ئەسكەر ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
  
  ماقالە مۇنداق باشلانغان: ، 1873 ‏- يىلى 6 ‏- ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىستىلاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا تىللارغا داستان بولغان ياقۇپبەگ، تاغىسىنىڭ ئوغلى خوجا تۆرەمنى ئىستانبۇلغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. خوجا تۆرە پارس تىلىدا يېزىلغان مەكتۇپنى كۆتۈرگەن ھالدا سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئالدىغا كەلگەن. مەكتۈپتا ياقۇپبەگ ۋە خەلقنىڭ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان پادىشاھنىڭ شەرەپلىك قاناتلىرى ئاستىدا پاناھلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىپادىلىرى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ سەزگۈر روھىنى تەسىرلەندۈرگەن. ئەلچى مەكتۈبنى ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتىنىنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان ۋە سۇلتان ئابدۇلئەزىزدىن ئەسكەر ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قانچىلىك قىيىن ئەھۋالدا قېلىشتىن قەتئىنەزەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە بىر مەزلۇم بولسا ئوسمانىيەنىڭ قولى ئۇ يەردە ئىدى.
  
  ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان:  ياقۇپبەگنىڭ ئەلچىسى، سۇلتان ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بىلەن،  قۇرال ‏- ياراق قاچىلانغان بىر كېمىدە تولۇق قوراللانغان بىر گۇرۇپ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئىستانبۇلدىن خۇشال ھالدا ۋەتىنىگە قايتقان. سۇلتان ئابدۇلئەزىز 6 دانە ئېغىر تىپتىكى قۇرال 1000 دانە كونا 1000 دانە يېڭى مىلتىق، ۋە كۆپ مىقداردا ئوق - دورا، بەرگەن .  بۇلارنى تەلەپكە لايىق قوللىنىدىغان ئەسكەر تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۈندەرۇنلۇ مۇراد ئەپەندى باشچىلىقىدا  4 نەپەر خادىم ۋە 4 نەپەر پىنسىيىگە چىققان ھەربىي گېنېرال ئەۋەتكەن. تارىخقا ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىدىغان بۇ گېنىراللارنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى بولسا، ئىستىھكام قوماندان ئەلى كازىم، پىيادە قىسىم قوماندانى مەھمەت يۈسۈف، ئاتلىق قوشۇن قوماندانى چەركەي يۈسۈف ۋە توپچى قوماندان ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىلەر.
   قەشقەر ئەلچىسى خوجا تۆرە بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققان ئوسمانىيە ھەيئىتى كېمە بىلەن بومباي شەھىرىگە يېتىپ بارغان ، ئۇ يەردە يۈك تاقىلىرىنى چۈشۈرۈپ قورۇقلۇق ئارقىلىق ئۇزۇن يول يۈرۈپ قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. تۈرك ھەيئىتىنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەن شەھەر ئىچىدە قىزغىن بىر بايرام تۈسى شەكىللەنگەن. ياقۇپبەگ  تۈرك ھەيئىتىنى 100 دانە توپ ئېتىش بىلەن قارشى ئالغان. خەلقمۇ ھاياجانلىنىپ كۆز ياشلىرى ئىچىدە قىزغىن قارشى ئالغان. تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قۇماندانى يۈز بېشى ئەلى كازىم ئەتراپىدىكى تاغلارنى كۆك، يېشىل، سېرىق تاشلار بولغان سىرلىق قەشقەر شەھىرىنى تونۇشقا باشلىغان. بۇ يەر ئاناتۇلىيەنىڭ ھەر قانداق بىر شەھىرىدىن پەرقلىق ئەمەس ئىدى. ھەتتا تېخىمۇ سىرلىق تېخىمۇ سېھىرلىك ئۈستى ئېچىلمىغان بىر خەزىنىگە ئوخشاش كۆرۈنەتتى. شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن تۈرك بايرىقى كېچىكمەستىن قەشقەر ئاسمىنىدا لەپىلدەشكە، قەشقەر مەسجىتلىرىدىكى خۇتبىلەردە ئوسمانىيە پادىشاھىنىڭ ئىسمى ئوقۇلۇشقا باشلىغان.
  
  ماقالە يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: يۈز بېشى ئەلى كازىم قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە قەشقەردە 3000 كىشىلىك بىر توپچى قىسىم قۇردى. ئۆزى قۇرغان بۇ قىسىمغا "يېڭى تۈزۈم ئەسكەرلىرى" دەپ ئىسىم قويغان. ئەمما بۇ ۋەزىيەتنى خىتايلار ھەزىم قىلالمىغان بولۇپ، ئۇ دەۋرنىڭ خىتاي چىرىكلىرى پۈتكۈل كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلغان، خىتايلارغا قارشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان ئوسمانىيە ئەسكەرلىرى خىتايلارغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان، خىتايلار ئۇلارنى ئۇزاق بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتكەن. يۈز بېشى ئەلى كازىم ۋە سەپداشلىرى زىندانغا تاشلىنىپ زەنجىر بىلەن ئۇرۇلغان. بىر قانچە كۈن قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغان. بەدەنلىرى قامچا ئىزلىرىدىن ساق يەر قالمىغان. تىرناقلىرىغا يىڭنە سانجىپ قىينىغان، بۇ قىيىن قىستاق ساقمۇ ساق 33 كۈن داۋام قىلغان كېيىن باشتا يۈز بېشى ئەلى كازىم قاتارلىق پۈتكۈل تۈرك ئەسكەرلىرىنى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارار قىلغان. پۇت ‏- قوللىرى زەنجىر بىلەن باغلانغان ئەلى كازىم  تامغا چاپلىشىپ قالغان. تامدىن بەدىنىنى ئاجراتقاندا تېرىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تامدا قالغانلىقىنى ھېس قىلمىغان. ئۇ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان، ئاللاھىم، سەن ھەممىنى بىلگۈچى، بۇ يەرگە كېلىشىمىزدە سېنى رازى قىلىشتىن باشقا مەقسىتىمىز يوق. زالىمنىڭ زۇلۇمىنى يوقىتىپ، مەزلۇمنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتىپ سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلدۇق. سېنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىن قىستاققا بىز رازى، بىزنىڭ ھەققىمىزدە بىر ياخشىلىق بولسىلا بىز ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ، بىز ھازىر سېنىڭ مەرھىمىتىڭگە ھەر ۋاقىتتىن بەكرەك مۇھتاج بىز.   
  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دىيىلگەن: ئۇ كۈنى ئەتتىگەندە يېڭىدىن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان شەھەرنىڭ ۋالىيسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى كۆرۈش ئۈچۈن زىندانغا كەلگەن، ۋالىي، كېچىكىدىن باشلاپ خىتايلار تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن ئەسلىسى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەن. ئەسىرگە ئېلنغانلارغا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا ۋالىيىمۇ قېتىلغان. ۋالىي جازانى ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى ئىلتىماسىنى سورىغان. ئەلى كازىم ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ناماز ئوقۇش تەلىپى قوبۇل كۆرۈلگەن ئەسكەرلەر ناماز ئوقۇغان، يۈز بېشى ئەلى كازىم ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولغان باشقا ئەسىرلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدا سەپتە تۇرغان. ۋالىي مەھبۇسلارنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن. مەھبۇسلار ناماز ئوقۇشنى تاماملىغاندا، ۋالىي ئەلى كازىم ئەپەندىنىڭ يېنىغا كۆزلىرىدىن ياز ئېقىۋاتقان ھالدا كەلگەن. ۋە بوش ئاۋازدا تۈرك تىلىدا، بۇ قىلغانلىرىنىڭ نېمە؟ دەپ سورىغان، يۈز بېشى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادىتى. ۋالىي، داداممۇ شۇنداق قىلاتتى، دېگەن. ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋالىي تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. ۋالىينىڭ ۋۇجۇدىدىكى شەرقىي تۈركىستان روھى يىللاردىن كېيىن تىرىلگەن ۋە يۈز بېشى ئەلى كازىم ۋە سەبداشلىرىنى ئىستانبۇلغا يولغا سالغان.
  سۈرەت ئوسمانىيە ئىمپىراتورلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن ھەربىي قۇماندانلىرىنىڭ كۆرۈنۇشلرى
  مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
  ئاپتۇر بۇ ماقالىنى تەييارلاشتا يازغۇچى مۇستاپا ئارماغان تەرىپىدىن يېزىلغان "ئابدۇلھەمىدنىڭ بۆرىلەر ئۇسۇلى" ناملىق تارىخىي كىتابتىن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.





باشقا خەۋەرلەر
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟ 18 02 2010, 00:00 غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا قەتلىئام" ھېچقاچان ئ 09 02 2010, 00:00 شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال
خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە 02 02 2010, 00:00 يېقىندىن بۇيان خىتاي ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە
 تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى 10 01 2010, 17:07
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات!
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات! 10 01 2010, 00:00
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻥ‏، ﺧﯩﺘﺎﻱ‏، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ‏، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻥ‏، ﺧﯩﺘﺎﻱ‏، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ‏، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ 04 01 2010, 00:00
 'چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى' ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى
'چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى' ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى 31 12 2009, 00:00

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4