خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
02 02 2010, 00:00
يېقىندىن بۇيان خىتاي ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى.

خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە

يېقىندىن بۇيان خىتاي ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى.

يېقىندىن بۇيان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەققىدە ئارقا ‏- ئارقىدىن خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي تىكئۇچار ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرىش، ھىندىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى ۋە خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغا ئەسكەر كۆپەيتىشى، خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى خىتاي ‏- ھىندىستان تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئىككى دۆلەت ئاخباراتلىرىنىڭ بىر بىرلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۇرۇپ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى.

خىتاي تىكئۇچار ئايروپىلانى 7 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرگەن

پاكىستاندا چىقىدىغان جەڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ھەربىي گېنېرالى دېيىك كاپور، خىتاينىڭ بىر تىكئۇچار ئايرۇپىلانى كەشمىرنىڭ لاداخ رايونىدا چىگىرا قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرگەنلىكىنى تەستىقلىغان ۋە بۇ ھەقتە خىتاي دائىرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېنېرال كاپۇر دۈشەنبە كۈنى دېھلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي تىكئۇچار ئايروپىلانى 7 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرگەنلىكىنى تەستىقلىغان ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەمما ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ھېچ قانداق قارشىلىق قىلمىغانلىقىنى ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاي ئەسكەرلىرى 78 قېتىم سەۋەبسىز ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرگەن. 2008 ‏- يىلى 233 قېتىم بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.

خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق ئېتىش نەتىجىسىدە ئىككى نەپەر ھىندى ئەسكەر يارىلاندى

ئوردۇتايمىز گېزىتىنىڭ 16 ‏- سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چىگىرا رايونى سېككىمدا ياشايدىغان كىشىلەر، ھىندىستان چىگىراسىدا خىتاي ‏- ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىشقاندىن كېيىن ئۇلار ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغانلىقىنى ۋە خاتىرجەم بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان ئاخباراتلىرىدا، ئۆتكەن كۈن ھىندىستان چىگىراسىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق ئېتىش نەتىجىسىدە ئىككى نەپەر ھىندى ئەسكەر يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى فالى ھومى مېجىر خىتاينى ھىندىستان ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دەپ باھا بەرگەندىن كېيىن ھىندىستان يەنە 60 مىڭ ئەسكەرنى چېگرا رايوندىكى ئانارچىل پارادېيش رايونىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ھىندىستان ئۆتكەن ئاي خىتاي تىكئۇچارلىرى ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە كىرگەندىن كېيىن ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ پاكىستان چىگراسىدىكى 350 مىڭ ئەسكەرنى خىتاي چېگىرىسى تەرەپكە يۈزلەندۈرگەن. ھىندىستان چېگىردا خىتاي بىلەن بولغان ئەسكىرى كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن 50 مىليارد ھىندىستان پۇلى مەبلەغ سەرپ قىلىدىكەن.

خىتاي ‏- ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئاخباراتلىرى بىر بىرلىرىگە قارشى ئاخبارات ئۇرۇشى باشلاندى

ب ب س ئاخباراتنىڭ ئوردۇ تىلى قىسمىنىڭ 17 ‏- سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ، ھىندىستان ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات ئۇرۇشى تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىغان بولۇپ بۇ ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان تېلىۋېزىيەلىرىدە، تىبەت چېگرا قوغدىغۇچى ئىككى نەپەر ئەسكەرنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا يارىلانغانلىقىنى ۋە خىتاي ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىندىستان چېگىرىسى ئىچىدە ئۇچىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇچۇر تارقاتماقتا ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى نەپەر ھىندىستان ئەسكىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى رەت قىلغان ۋە ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىشەنچسىز خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئىككى دۆلەت ئاخباراتلىرى بىر بىرلىرىگە قارشى ئۇچۇرلار ئېلان قىلماقتا.

خىتاي ھىندىستاندىن 92 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىن، ھىندىستان خىتايدىن 43180 كۋادرات كىلومېتىر زېمىن تەلەپ قىلماقتا

كەشمىر ئۇزما ئاخباراتىدا بىلدۈرۈشىچە، 1962 ‏- يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالىشىپ ئۇرۇش بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىللار سوغۇق ھالەت شەكىللەندى. 2003 ‏- يىلى ئىككى دۆلەت چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلاندى. ئەمما ھازىرغىچە ھېچ قانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. چېگرا مەسىلىسىدە ھىندىستان كەشمىردە 43180 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى خىتاينىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىندىن بىر قىسمىنى پاكىستانغا بەرگەنلىكىنى داۋا قىلماقتا. ئەمما خىتاي ئاروناچال پارادېش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 92 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ھىندىستاننىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇ رايوننى تىبەت رايونىنىڭ بىر قىسمى دەپ داۋا قىلماقتا. ھىندىستان 1985 ‏- يىلى خىتاينىڭ قارشى چىقىشىغا پىسەنت قىلماي ئاروناچال پارادېش رايونىنى ئاپتونوم رايون قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تەرىپىدىن ھىندىستانغا ئاروناچىل پارادېشتا بىر ئىش پىلان ئۈچۈن بېرىلگەن ياردەم پۇلىغا خىتاي قاتتىق قارشى چىققان ئىدى. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەم 4000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چىگىرا بولۇپ، بۇ چىگىرالارنىڭ بەزى قىسىملىرىدا چېگرا سىزىقى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولماقتا.

ھىندىستان خىتايدىن ئۈچ يېرىم مىليارد دوللارلىق قۇرال ‏- ياراق سېتىۋالىدۇ

پاكىستاندا چىقىدىغان ناۋايى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 17 ‏- سېنتەبر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىدىن ئۈچ يېرىم مىليارد دوللارلىق قۇرال ‏- ياراق سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ، ئامېرىكا ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھىندىستان ئۈچۈن پاكىستاندىنمۇ خەتەرلىك

ئەلئەخبار ئالەم ئاخباراتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى فالى ھومى مېجىر ھىندىستان مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ھىندىستان ئۈچۈن خىتاي پاكىستاندىنمۇ خەتەرلىك دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە پاكىستانغا سېلىشتۇرغاندا خىتاينىڭ ئويۇنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ھىندىستان خىتاينىڭ ئۇرۇش سالاھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەسكىرى مەشىق ھەققىدە بەك ئاز مەلۇماتقا ئىگە ۋە بۇ نۇقتا ئىنتايىن خەتەرلىك، خىتاي ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ھىندىستانمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ. خىتاي كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلغانلىقى بىر ھەقىقەت. ھىندىستان خىتايغا قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي شىمال رايونلاردا ئايرىدۇرۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ، دېگەن.

روزا ‏ ھېيىتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ

تىبەتنىڭ روھانى پىشىۋاسى دالاي لاما 10 ‏- ئايدا ئاروناچال پارادېش رايونىنىڭ تاۋاڭ قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن. خىتاي دائىرلىرى بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.






باشقا خەۋەرلەر
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟ 18 02 2010, 00:00 غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا قەتلىئام" ھېچقاچان ئ 09 02 2010, 00:00 شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال
ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى
ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى 02 02 2010, 00:00 ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ
 تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى 10 01 2010, 17:07
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات!
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات! 10 01 2010, 00:00
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻥ‏، ﺧﯩﺘﺎﻱ‏، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ‏، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻥ‏، ﺧﯩﺘﺎﻱ‏، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ‏، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ 04 01 2010, 00:00
 'چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى' ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى
'چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى' ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى 31 12 2009, 00:00

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4