مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە
13 02 2010, 00:00
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا بومبا ئاتقان مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇش خاراكتېرلىق بومبا ئاتقان مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ ھايات ‏ پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى.


مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن، خىتايغا باش ئەگمىگەن ھەقىقى ساپ يۈرەك سەمىمى ئۇيغۇر ئوغلى. ئۇ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇر رايونىدا ئۇيغۇر ماركەت نامىدا بىر دوككان ئاچقان ئىدى. 2008 ‏- يىلى خىتايغا قارشى غەزەپ نەپىرىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئوت قويغاندىن كېيىن ئۇ دۇكاننى تاقىۋەتكەن كېيىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بىر شېركەتتە ئىشلىگەن ئىدى. 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقىمىز ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىۋاتسا بىز ئەركىن دۇنيادا ياشىغاندىكىن قولىمىزدىن كېلىشچە ھەرىكەت قىلايلى دېگەن قاراشتا شېرىكەتتىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى قىلىپ كەلدى، ئىستانبۇلدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى كىشىلەرگە تونۇتتى. ئۇ قەيەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نامايىش ياكى يىغىن بولسا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى

يېقىندا يەنى 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 60 ‏- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىغا قارشى نامايىش قىلدى. مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك خىتايغا بولغان غەزەپ نەپىرىتىنى ئىپادىلەپ 9 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە ئوت قويۇش خاراكتېرلىق بومبا تاشلىغان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھازىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، يېقىندا ئۇ تۈركىيە سوت مەھكىسىمىدە سوتقا ئېلىپ چىقىلىدىكەن. ئۇنىڭ سوتچى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىشى ياكى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى تېخى ئېنىق ئەمەس.

 

2008‏‏ - ﻳﯩﻠﻰ 4 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ 2008 ‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ 1000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. نامايىش جەرىيانىدا مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ساقچىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەشئەلگە ھۇجۇم قىلغان ۋە قولى مەشئەلگە يېتىش ئالدىدا ساقچىلارنى ئۇنى تۇتۇۋالغان.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ساقچىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەشئەلگە ھۇجۇم قىلغان ۋە قولى مەشئەلگە يېتىش ئالدىدا ساقچىلارنى ئۇنى تۇتۇۋالغان.

 

سۈرەتتە مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇرنى مەشئەلگە ھۇجۇم قىلغان ساقچىلار تۇتۇپ سۈرەۋاتقان كۆرۈنۈش

 

 


2008 ‏- يىلى 8 ‏- ئاۋغىست جۈمە كۈنى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانسى ئالدىدا ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى باسالمىغان مەمەت تۇرسۇن ئۆزىگە بېنىزىن چېچىپ ئوت ياقتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوت پۈتۈن بەدىنىگە ئۇلاشتى، ئەتراپتىكىلەر ئوتنى ئۆچۈرۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بەدەنلىرى كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى، ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەرھال دوختورخانىغا يۆتكىگەن.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەنقەردىكى دوختۇرخانىدىن ئىستانبۇلدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى ۋە ئائىلىسىنىڭ يېنىدا داۋالاندى.

خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى باسالمىغان مەمەت تۇرسۇن ئۆزىگە بېنىزىن چېچىپ ئوت ياقتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوت پۈتۈن بەدىنىگە ئۇلاشتى،

 


شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى






باشقا خەۋەرلەر
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت رىزا بىكىن ئەنقەرەدە دەفىنە قىلىندى
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت رىزا بىكىن ئەنقەرەدە دەفىنە قىلىندى 18 02 2010, 09:53 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى گېنىرال مەمەت رىزابىكىننىڭ
ئامېرىكا '2009 _ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى' نى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلد
ئامېرىكا '2009 _ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى' نى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلد 17 02 2010, 02:51 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى '2009 _ يىللىق خەلقئارا
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى 17 02 2010, 02:26 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن
ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺗﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ
ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺗﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ 14 02 2010, 15:47
'ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ
'ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ 13 02 2010, 00:00
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى 02 02 2010, 00:00
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ 02 02 2010, 00:00

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4