![]() |
خىتاي يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئىسپاتلىدى
02 02 2010, 00:00
خىتاي يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئىسپاتلىدى
|
|
خىتاي يالغانچىلىقىنى يەنە
بىر قېتىم دۇنياغا ئىسپاتلىدى
ھىلىيىگەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتىرنېت تورىنى ئاچقانلىقىنى
ئېلان قىلغاندىن كېين دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت
ئۇچۇر ئالاقە قىلىشنى ئېچىۋەتتى دەپ خەۋەر تارقاتقان ئىدى. ئەملىيەتتە قارايدىغان
بولساق شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىست دىكتارلۇقىنى تەشۋىق
قىلىدىغان ئىككى تور بەتتىن باشقا پۈتكۈل تور بەتلەرنىڭ ئېچىلىشىغا چەكلىمە قويغان.
دۇنياغا مەشھۇر چىپ ناملىق ژۇرنالنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا
ئىنتېرنىېت ئۇچۇر ئالاقە قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ پەقەت 2 تور بېتى
ئېچىلىشىغا روخسەت قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن
خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت تور بەتلەرنى ۋە تېلىفۇن ئۇچۇر ئالاقىنى
پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتكەن ئىدى. 6 ئايدىن كېيىن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت
تورلارنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار پەقەت 2 تور بەتنىلا
ئاچالايدىكەن ئۇ 2 تور بەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتۇر تۈزۈملىرىنى
تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەتلىك تور بەتلەر ئىكەن.

