![]() |
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە 2010 - يىلى 1 - ئايلىق سۆھبەش
16 02 2010, 00:00
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە 2010 - يىلى 1 - ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
|
|
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ
ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە 2010 - يىلى 1 - ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
، جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بىرى ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى جەمئىيەت
مەركىزىگە توپلۇنۇپ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى ئايلىق
سۆھبەت يىغىنى 2010- يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلار ياشلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان
مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابلەت ھاجىم رىياسەتچىلىك
قىلدى. يىغىندا جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم، ۋە ئابدۇلقادىر ھاجىم
سۆز قىلىپ، 'ئاتا - ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئاتا - ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى
ئادا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى' ھەققىدە توختالدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق سۆھبەت يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشتىكى
ئاساسىي مەقسەت ئىناق ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش ۋە ئۆز ئارا
قېرىنداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت

