![]() |
ئەردۇغان خىتاينى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى
02 02 2010, 00:00
ئەردۇغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|
|
ئەردۇغان خىتاينى يەنە بىر
قېتىم ئاگاھلاندۇردى
تۈركىينىڭ سامان يولى تېلىۋىزىيىسىنىڭ 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى
خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چىن
دېمىڭ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تايىيىپ ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشتا.
بۇ ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇن خىتاي تىجارەت
مىنىستىرى چېن دېمىڭغا، خىتاي ۋە تۈركلەرنىڭ ئىككى ئايرىم مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى
ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى
بىلدۈردى. ئەردۇغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئورۇق - توغقانلىرى
بارلىقىنى شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇزۇر ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ياششىنىڭ ئىنتايىن
مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى
مۇناسىۋەتلەردە دوستلۇق كۆۋرۈكلىك رولىنى ئوينىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە
شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭ باش مىنىستىر ئەردۇغانغا، 2003 - يىلدىن بىرى
خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن
تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ
مۇناسىۋەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزلىرىمۇ
ئۇيغۇرلارنى دوستلۇق كۆۋرۇك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن
خەۋەرنىڭ مەنبەسى

