![]() |
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات!
10 01 2010, 00:00
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات!
|
|
قىزىل قانخور خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق، قەتلىئامنى توختات!
خىتاي، ئىشغال
ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا 5 - ئىيۇل كۈنى
باشلانغان مىللى قىرغىنچىلىققا شاھىد بولغان 5
كىشىگە يەنە ئۆلۈم جازاسى بەردى.
تۈركىيىنىڭ ئاناتۇلىيە ئاخباراتىنىڭ بۈگۈنكى
خەۋرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ رايونلۇق قورچاق
ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا
بىلدۈرۈشىچە، 5 كىشىنىڭ تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنى
قاتتىق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ھەپتە ئىچىدە
ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا 5 كىشى ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان
بولۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ
ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەپتە
ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا يەنە 8 ئۇيغۇر مۇددەتسىز قاماق
جازاسىغا، 4 ئۇيغۇر بولسا 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق
جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ئۇچۇق ئاشكارا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ
ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەمئىي 22 گە يەتتى
ئەمما ئېلان قىلماي مەخپى ھالدا
ئۆلتۈرىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، شۇ
ئېنىقكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان 20
مىڭ ئۇيغۇردىن بىرسىمۇ ساق قالمىدى.
5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن
قىرغىنچىلىقتا مىڭلارچە كىشى ئۆلۈپ نەچچە مىڭلىغان
كىشى يارىلانغان ۋە نەچچە مىڭلىغان كىشى ئىز
دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا
تېنچلىق بىلەن نامايش قىلغان 20 مىڭ ئۇيغۇر
ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈپ، يارىلىنىپ تۈرمىلەرگە
قامالغان. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن
ساق قالغان بىرمۇ كىشى يوق.
قىزىل قانخور خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇچۇق ئاشكارا
ئۆلتۈرۈپ يوق ئېتىشنى باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا
35 مىليۇن ئىنسان ئوت ئۈستىگە دەسسىگەندەك قىيىن
ئەھۋالدا قالدى، شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئۇچۇق
تۈرمىگە ئايلاندى. خىتاي جاللاتلىرى ئۇيغۇرلارنى
ئۆلتۈرۈپ يوق ئېتىۋاتىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانپەرۋەرلىكنى داۋا قىلىۋاتقان
ب د ت، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئىسلام
قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى بۇ
ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلماسلىق كېرەك، ياكى كىشىلىك
ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك شۇئارلىرىنىڭ يالغان
ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. بىز
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئىنساندەك ياشاش ھەققىمىز
يوقمۇ؟ ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۈزلەپ، دۇنيا كۆز
ئالدىدا بىر مىللەت يەنە بىر زۇمىگەر مىللەت
تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنۋاتسا بۇنىڭغا كۆز يۇمۇش،
سۈكۈت قىلىش ئۆزىنى ئىنسان چاغلايدىغان كىشىنىڭ
ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇ ئىنساندا ۋىجدان نەرسە
يوقمۇ؟
ب د ت، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام
قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە
كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلار ئەمەلىي
قەمدەم بېسىپ كۆڭۈل بۆلمىسە مۇنداقلا ھىسداشلىق
قىلىپ قويۇشنىڭ ھېچ قانداق كېرىكى يوق. دۇنيا
جامائىتى يەنە سۈكۈتتە تۇرىۋەرسە، شەرقىي
تۈركىستان خەلقى، ئەينى زاماندا ئافغانلار سوۋىت
ئىتتىپاقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغالغاندەك، ،
ئومۇمىيۈزلۈك قوزغۇلۇپ يا خىتايلارنى شەرقىي
تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك ياكى شۇ يولدا
جانلىرىنى پىدا قىلىش كېرەك. قۇللۇق ۋە زۇلۇم
ئاستىدا ياشىغاندىن زۇلۇمغا قارشى كۆكرەك كېرىپ
چىقىپ ھاياتىنى پىدا قىلغان مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ .
دۇنيا جامائىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆڭۈل
بۆلۈپ ئۇلارنى قوغداشقا كېپىللىك قىلمىسا شەرقىي
تۈركىستان خەلقى شۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ رولى نېمە؟
مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسا ئۇنداق
تەشكىلاتنىڭ قانداق رولى بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇلار
قىرغىن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ئىنسانلارنى
قوغداپ قالالمىسا نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇ خىلدىكى
مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسا كىم ئېتىراپ قىلىدۇ.
ب د ت، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئىسلام قۇرۇلتېيى
تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى ئاساسلىق كۈچلەر،
زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتقان، تۇپراقلىرى ئىشغال قىلىنغان
مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسا قانداقمۇ
دۇنيادا تىنچلىق بەرپا بولسۇن؟ دۇنيادا
ئىزىلىۋاتقان پۈتكۈل مەزلۇم مىللەتلەر بىرلىشىپ
زوراۋان، ئىشغالچى دۆلەتلەرگە ئەجەللىك زەربە
بېرىپ زۇلۇم قىلغانلىقى، ئىشغال قىلىۋالغانلىقى
ئۈچۈن ئىبرەتلىك دەرس بىرىش كېرەك بولىۋاتىدۇ.
خىتاي ۋە دۇنيا ئۇيغۇرلارنى شۇ يولنى تاللاشقا
مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆلۈم ئىچىدىن ھايات
ئىزدەشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

