جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىدە ئېچىلغان يىغىنغا
جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىدە ئېچىلغان يىغىنغا
23 02 2010, 00:00
ەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقدىنمۇ ئېغىر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىدە ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە، پەلەستىن خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن پەلەستىنگە كەتكەن گۇرۇپنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ھاجىنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىندا، پەلەستىندىن قايتىپ كەلگەن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، پەلەستىنگە بېرىش جەرىيانىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى، مىسىر ساقچىلىرى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە ياردەم ئەشيالار ئېلىپ بارغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇلەنىت يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە پەلەستىن خەلقىگە 43 يۈك ماشنىدا ئېلىپ بارغان ماددىي ياردەم ئەشيالارنى غەززە شەھىرىگە ساق ‏- سالامەت يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە ئۇ يەردە ئاخباراتچىلارغا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقىدىنمۇ ئېغىر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى دەپ ئۆتتى.
يىغىن جەرىيانىدا بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقدىنمۇ ئېغىر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە 2010 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا 'خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان يىغىنى' ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى يەنە پەلەستىنگە بېرىپ كېلىش جەرىيانىدا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئاخبارات ئىشلىرى بۆلۈمى تەرپىدىن سىنئالغۇغا ئېلىنغان كۆرۈنۇشلەرنى كۆرسەتتى.

.





باشقا خەۋەرلەر
جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 20 02 2010, 01:23 ھىدايەت ئوغۇزغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 2010 ‏- 2 – ئاينىڭ
جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
جەمئىيتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 20 02 2010, 01:18 ھىدايەت ئوغۇزغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 2010 ‏- 2 – ئاينىڭ
جەمئىيىتمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى
جەمئىيىتمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى 17 02 2010, 07:08 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ‏4- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠ
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ‏4- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠ 17 02 2010, 00:00
جەمئىيىتىمىز بىلەن ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ بىرلىكتە ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍﻏﺎ
جەمئىيىتىمىز بىلەن ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ بىرلىكتە ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍﻏﺎ 17 02 2010, 00:00
 تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنىغا جەمئىيىتىمىز م
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنىغا جەمئىيىتىمىز م 17 02 2010, 00:00
سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ئاياللار بۆلۈمى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى
سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ئاياللار بۆلۈمى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى 17 02 2010, 00:00

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4