![]() |
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنىغا جەمئىيىتىمىز م
17 02 2010, 00:00
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنىغا جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى
|
|
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنىغا جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى
2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تەشكىلاتنى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە تەشكىللەش، قانداق قىلغاندا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىنغا سىياسىي ۋەخپىنىڭ رەئىسى فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا مالتەپە ئۇنىۋېرىسىتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفسسور دوكتۇر نازىف گۆردوغان ئەپەندى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىللەش ۋە يۈرگۈزۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئاممىۋىي تەشكىلاتنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.
يىغىندا يەنە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىلەش ۋە قانداق ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىلگىرى ئېچىلغان 8 ھەپتىلىك كۇرستا ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوما تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى 1994 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە 100 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە فوند ئەزاسى بار چوڭ بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ دۇنيادا كۈچلۈك بىر سىياسى مەيدان ھازىرلاش، ئىسلام دۇنياسى دۈچ كېلىۋاتقان مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت - پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى بۇ تەشكىلاتقا 2008 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەزا بولغاندىن بىرى بۇ تەشكىلات بىلەن خىزمەت - پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى

