زالىم خىتاي 4 ئۇيغۇرنى يەنە شەھىد قىلدى
زالىم خىتاي 4 ئۇيغۇرنى يەنە شەھىد قىلدى
27 01 2010, 06:46
زالىم خىتاي 4 ئۇيغۇرنى يەنە شەھىد قىلدى

HTML clipboard

زالىم خىتاي 4 ئۇيغۇرنى يەنە شەھىد قىلدى

خىتاي، ئۈرۈمچى قەتلىئامنىڭ بەدىلىنى يەنە ئۇيغۇرلارغا ئارتىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار 4 ئۇيغۇر قېرىنىدىشىمىزنى شېھىد قىلدى.

خىتاي كوممۇنىست زالىم ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى سوت مەھكىمىسدە سوتقا تارتىلغان 4 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بىرسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئېتىش ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. 8 كىشىنى مۇددتلىك ۋە مۇددەتسىز ئوخشىمغان ھالدا ھەر خىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي ئىلگىرى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى گۇرۇپ گۇرۇپ شەكىلدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ شەھىد قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ مەخپى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق، ئەمما خىتاي 2009 ‏-يىلى 10 ‏- ئايدىن 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە جەمئى 9 قېتىم سوت ئاچقان بولۇپ بۇ سوتتا ئاشكارا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ شەھىد قىلغانلارنىڭ سانى 34 كە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى 49 غا يەتتى.
خىتاي تىنچلىق بىلەن ئىنسانى ھەق ‏- ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى شېھىد قىلدى، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى يەنە تۈرمىگە قامىدى. نامايىشقا قاتناشقان 20 مىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ھازىرغىچە ھېچ قانداق ئۇچۇر يوق. قانچىسى ئۆلتۈرۈلدى، قانچىسى تۈرمىگە قامالدى ئۇنى بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ، خىتاي بۇ جىنايى قىلمىشلىرىدىن دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تېلىفۇن ۋە ئىنتېرنىتقا ئوخشاش ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى تاقىدى. زالىم خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، ئىنسان ھەقلىرىنى شۇئار قىلغان دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا.
 






باشقا خەۋەرلەر
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت رىزا بىكىن ئەنقەرەدە دەفىنە قىلىندى
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت رىزا بىكىن ئەنقەرەدە دەفىنە قىلىندى 18 02 2010, 09:53 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى گېنىرال مەمەت رىزابىكىننىڭ
ئامېرىكا '2009 _ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى' نى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلد
ئامېرىكا '2009 _ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى' نى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلد 17 02 2010, 02:51 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى '2009 _ يىللىق خەلقئارا
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى 17 02 2010, 02:26 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن
ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺗﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ
ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺗﻰ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ 14 02 2010, 15:47
'ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ
'ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﻛﺎﻣﺒﯘﺩﮊﺍ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ 13 02 2010, 00:00
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ھەققىدە 13 02 2010, 00:00
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى 02 02 2010, 00:00

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4