![]() |
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
18 02 2010, 00:00
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
|
|
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
"5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بىر كۈننى ئەسلىتىدۇ، بۇنىڭدىن دەل 13 يىل ئىلگىرى يەنى 1997 - يىلى 5 - فېۋرال كۈنى غۇلجىدا كۇپ ساندا ئۇيغۇر ياشلار خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى .
دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە نامايىش قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ياكى تۈرمىگە قاماش مەۋجۇت ئەمەس. تىنچ ئۇسۇل بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلىش نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىشىلىك، ئىنسانى ھەق - ھوقۇق دەپ قارىلىدۇ. ئەمما خىتاي دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ زالىملىقنى ئاشكارىلاپ رەزىل سىياسەتلىرىگە نارازىلىقنى ئىپادىلىگەن خەلق ئاممىسىغا زورلۇق قىلىپ، قۇرال ئىشلىىتپ نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنى قەتلىئام قىلدى. بۇ نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتايلار زامانىۋى قوراللار بىلەن مەيدانغا چىقىپ ئەر - ئايال ، قېرىش - ياش، ئايرىماستىن قارا - قۇياق ئوق ئېتىپ ، 300 دىن ئارتۇق شەخسنى شېھىد قىلدى. قوللىرىدا تۆمۈرنىڭ پارچىسى يوق گۇناھسىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۈچ كەلدى، بۇ ۋەقەدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي جاللاتلىرى نۇرغۇن ياشلارنى ئۆلتۈرۈپ نۇرغۇن ياشلارنى قولغا ئالدى. خىتايلار قولغا ئالغانلارنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ قويۇپ، قەھرىتان سوغۇقتا ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ مۇزلىتىپ ۋەھشىيانە قىيىن قىستاققا ئالدى.
ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ قولغا ئېلىنغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدە قاماقتا ياتماقتا. ئىگىلىشىمىزچە شۇ چاغدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 70 ياشلىق بۇۋايلارمۇ بار بولۇپ بەزلىرى 18 يىللىق بەزلىرى مۇددەتسىز تۈرمىگە قامالغان بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، يېشى ۋە ئادرېسلىرى ئېنىقلاندى. خىتايلار بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ ئېتىراپ قىلمىسا دەلىل پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز.
خىتاي 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋېتىنى كىسىپ تاشلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاننى ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇردى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇنتۇپ كەتتى. خىتاي بۇ زېمىننى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت شۇم نېيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا يول قويمىدى. شۇ سەۋەبتىن دۇنيا شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتنى، ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. 1990 - يىلدىكى بارىن ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلىغان بولسىمۇ ئۇ يەردىكى زۇلۇم - ناھەقچىلىكلارنى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىلىرىنى بىلىپ كېتەلمىگەن ئىدى. 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەنە بىر قېتىم تارتىشقا سەۋەب بولدى. بەزى مۇتەخەسىسلەر 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى خەلقئارادا بىر باسقۇچ يوقىرى كۆتۈرۈلدى دەپ باھا بەردى. يەنى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەدىن كېيىن دۇنيادا تونۇلۇشقا باشلىدى، دۇنيا دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر زېمىننىڭ بارلىقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلۇم ئاسىتدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا باش ئەگمەسلىك، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، دۈشمەندىن غەپلەتتە قالغانلارنى ئويغاتتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق قورقۇتۇپ باش كۈتۈرمەس قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت رەزىل سىياسىتى مەغلۇب بولدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارغا ئۆزىنىڭ باش ئەگمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.
بەزى كىشىلەر، خىتاي چوڭ بىر دۆلەت ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇلار بىلەن قارشىلىش توخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق دەپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇردىغان سۆزلەرنى تارقىتىدۇ، ئەمما بىز مۇسۇلمانلار ئۇنداق قارىمايمىز، چۈنكى زالىمغا قارشى تۇرۇشنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ، زالىمغا قارشى تۇرۇش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ زۇلۇمغا قارشى تۇرغانلار يا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ياكى شۇ يولدا شېھىد بولۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلار ھايات قالسىمۇ، شەھىد بولسىمۇ ئىككى غەلىبىنىڭ بىرسىگە ئېرىشىدۇ.
خىتاي - مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى تۈنجى قېتىم 1758 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ 1774 - يىلى ياقۇپبە بەدەۋلەت باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلار خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلدى ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقتى ، كېيىن يەنە خىتايلار ئۆز ئىچىمىزىدىن چىققان مىللى مۇناپىقنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالدى. شۇ دەۋىردىن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنى شەرقىي تۈركسىتاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇلدا كۆرەش قىلىپ كەلمەكتە. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى 200 گە يېقىن

