![]() |
جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىد بولغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش مۇراسى
08 02 2010, 07:21
جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىد بولغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
|
|
جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە غۇلجا
ۋەقەسىدە شېھىد بولغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 -
يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچ سائەت 18: 00 دە ، جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە غۇلجا
ۋەقەسىدە شېھىد بولغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىدلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن
باشلاندى. مۇراسىمغا جەمئىيەت باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتلىك قىلدى، مۇراسىمدا
جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نوتىقى سۆزلەپ، غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە
توختالدى. مۇراسىمدا يەنە 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ
رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغلى دوكتۇر قۇتلۇق خان تۈرەم غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ
چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. كېيىن يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار سۆز قىلدى. مۇراسىم
2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ مۇراسىم ئاخىرىدا زىياپەت بېرىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىد بولغانلارنى خاتىرلەش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۇش

