شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا قەتلىئام" ھېچقاچان ئ
09 02 2010, 00:00
شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا قەتلىئام" ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ

شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا قەتلىئام"  ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ

 

"5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى"  شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بىر كۈننى ئەسلىتىدۇ، بۇنىڭدىن دەل 13  يىل ئىلگىرى يەنى 1997 ‏- يىلى 5 ‏- فېۋرال كۈنى  غۇلجىدا كۇپ ساندا ئۇيغۇر ياشلار خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى .

 

 دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە نامايىش قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ياكى تۈرمىگە قاماش مەۋجۇت ئەمەس. تىنچ ئۇسۇل بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلىش نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىشىلىك، ئىنسانى ھەق ‏- ھوقۇق دەپ قارىلىدۇ.  ئەمما خىتاي دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ زالىملىقنى ئاشكارىلاپ رەزىل سىياسەتلىرىگە نارازىلىقنى ئىپادىلىگەن خەلق ئاممىسىغا زورلۇق قىلىپ، قۇرال ئىشلىىتپ نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنى قەتلىئام قىلدى.  بۇ نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتايلار زامانىۋى قوراللار بىلەن مەيدانغا چىقىپ ئەر - ئايال ، قېرىش ‏- ياش، ئايرىماستىن قارا - قۇياق ئوق ئېتىپ ، 300 دىن ئارتۇق شەخسنى شېھىد قىلدى. قوللىرىدا تۆمۈرنىڭ پارچىسى يوق گۇناھسىز  شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۈچ كەلدى، بۇ ۋەقەدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي جاللاتلىرى نۇرغۇن ياشلارنى ئۆلتۈرۈپ نۇرغۇن ياشلارنى قولغا ئالدى. خىتايلار قولغا ئالغانلارنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ قويۇپ، قەھرىتان سوغۇقتا ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ مۇزلىتىپ ۋەھشىيانە قىيىن قىستاققا ئالدى.

 ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ قولغا ئېلىنغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدە قاماقتا ياتماقتا.  ئىگىلىشىمىزچە شۇ چاغدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 70 ياشلىق بۇۋايلارمۇ بار بولۇپ بەزلىرى 18 يىللىق بەزلىرى مۇددەتسىز تۈرمىگە قامالغان بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، يېشى ۋە ئادرېسلىرى ئېنىقلاندى.  خىتايلار بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ ئېتىراپ قىلمىسا دەلىل پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز.

 

خىتاي 1949 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋېتىنى كىسىپ تاشلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاننى ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇردى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇنتۇپ كەتتى. خىتاي بۇ زېمىننى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت شۇم نېيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا يول قويمىدى.

باشقا خەۋەرلەر
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟
غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق نەتىجىدە چىقتى؟ 18 02 2010, 00:00 غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 ‏- فېۋرال قەتلىئامدىن قانداق
خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
خىتاي ‏- ھىندىستان ‏ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە 02 02 2010, 00:00 يېقىندىن بۇيان خىتاي ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە
ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى
ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى 02 02 2010, 00:00 ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4