![]() |
مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلدى
13 02 2010, 00:00
مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلدى
|
|
مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلدى
2010- يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى بايرام كارابۇيۇن ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى، ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى بايرام كارابۇيۇن ئەپەندى، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 18: دە مەۋلانا چەلەبى ئىلىم ۋە خىزمەت ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىن ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى.

