شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى
17 02 2010, 02:43
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن 85 يېشىدا ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى.

HTML clipboard

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن 85 يېشىدا ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى.
شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمەت رىزابېكىن ئەنقەرەدىكى گۇلخانە ھەربىي دوختۇرخانىسىدا 6 ئايدىن بىرى داۋالىنىۋاتقان ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن 2 ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولدى.
2010 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە كوجاتەپە مەسجىدىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ.

مەھمەت رىزابېكىن 1925 ‏- يىلى خوتەندە تۇغۇلغان، 9 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ 1944 ‏- يىلى مالتەپە ھەربى مەكتەپتە ئوقۇدى، 1946 ‏- يىلى قورۇقلۇق ھەربي مەكتەپتە ئوقۇدى، 1948 ‏- يىلى توپ - زەمبىرەك ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سېپىگە قېتىلدى.
ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، كورىيە ئۇرۇشىدا توپ ‏- زەمبىرەك قىسىمىغا قۇماندانلىق قىلغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن غازىلىق مېدال ئالغان، مەھمەت رىزابېكىن 1965 ‏- يىلى قورۇقلۇق ئارمىيە ئاكادىمىيسىنى پۈتتۈرۇپ تۈركىيە مەركىزى قۇماندانلىق باش شىتابىدا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ شۆبە مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەربىي ساھەدە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
مەرھۇم مەھمەت رىزابېكىن 1977 ‏- يىلى تۇغگېنىرال ئۇنۋانى بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان. كېيىن بىر مەزگىل تۈركىينىڭ تېھراندا ھەربىي ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1989 ۋە 199 - يىللاردا ب د ت نىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانىي ياردەم پىروگراممى جەرىيانىدا پاكىستاندا قۇرۇلغان مىنا تازىلاشنى ئۈگىتىش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1986 ‏- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش يولىدا خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى. مەرھۇمنىڭ 2 پەرزەنتى بار. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.
 






باشقا خەۋەرلەر
خىتايدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ 700 كىلومتېر ئۇزۇنلۇقى يېڭىدىن بايقالدى
خىتايدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ 700 كىلومتېر ئۇزۇنلۇقى يېڭىدىن بايقالدى 14 02 2010, 16:03 بىر قانچە مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇققا ئىگە بۇ تارىخىي
'ﺧﯩﺘﺎﻱ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻻ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
'ﺧﯩﺘﺎﻱ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻻ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ 14 02 2010, 15:48 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ
كەشمىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى 2
كەشمىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى 2 14 02 2010, 15:46 ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ
كەشمىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى 1
كەشمىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى 1 14 02 2010, 15:38
تەيۋەن، چاررۇسىيە بىلەن مانجۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرا پاسىلىغا
تەيۋەن، چاررۇسىيە بىلەن مانجۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرا پاسىلىغا 13 02 2010, 01:30
خىتاي جاسۇسىغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى
خىتاي جاسۇسىغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى 12 02 2010, 00:37
ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق خوجا ئەخمەت يەسەۋىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق خوجا ئەخمەت يەسەۋىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 12 02 2010, 00:34

Notice: Undefined variable: path in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Warning: require_once(\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php) [function.require-once]: failed to open stream: No such file or directory in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4

Fatal error: require_once() [function.require]: Failed opening required '\..\inc\adverts\rightMenuAdvert.php' (include_path='.;c:\HSphere.NET\3rdparty\PHP\PHP5\pear') in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\bottomDetailNews.php on line 4