Notice: Undefined variable: advertStatus in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\header.php on line 13

Türkçe العربية English ئۇيغۇر

باش بەت
جەمئىيەت پائالىيەتلىرى
شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى
دۇنيا خەۋەرلىرى
ماقالىلار
ئالاقە قىلىڭ
ئۇلىنىشلار
جەمئىيىتىمىز
ۋىدىئو - سىنئالغۇ
رەسىم ئالبۇمى
يازغۇچىلار

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەققىدە


 
20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ۋەتەن ـ مىللەت كەلگۈسىدە دۇچ كىلىدىغان پاجىئەنى ئالدىنئەلا سەزگەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇلقادىر داموللام شۇنداق بىر سوئال قويغان ئىدى:
مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىغا بائىس (سەۋەب) نېمىدۇر؟
جاۋاب: ئىككى نەرسىدۇر:
بىرى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق ، بىرى ئىتىپاقسىزلىق ۋە تەپرىقىچىلىك .
ئىلىم ـ پەن يۈكسەك پەللىگە ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەمىلىيەت ۋە ھەقىقەت بۇ سۆزنىڭ "ئەڭگۈشتەر" خارەكتىرلىك بىر سۆز ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقتا.
نۆۋەتتە ، يەر يۈزىدە زوراۋانلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، ئادالەتسىزلىكنىڭ چېكىدىن ئېشىشى ۋە مىللەتلەردە ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىگىنى تەقەززا قىلماقتا . بۇنىڭ بىردىن- بىر يولى شانلىق ئەجدادىمىزغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا بىلىم ئېلىش ، بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتۇر.
بۇ ھىس ـ تۇيغۇغا ئىگە مىللەت پەرزەنتلىرى، بۇ خىزمەتنى يالغۇز قىلىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2006-05-24 كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدە  "شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى" نى قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇپ چىقتى.
جەمئىيتىمىز، ۋەتەن ئىچى ـ سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجىغا ئەڭ لازىم دەپ قارالغان تۈرلۈك ساھەلەردە خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ.
نۆۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ ئاڭ ـ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، بىرلىك ـ ئىتىپاقلىق روھىنى كۈچەيتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادنىڭ ئەڭ ياخشى يىتىلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان تەلىم ـ تەربىيە ۋە تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ ، شۇ جۈملىدىن :
1.   مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىناق – ئىتىپاقلىقنى يۈكسەلدۈرىدىغان پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇش.
2.   ئالاقىدار جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش قىيىنچىلىغىنى ھەل قىلىشقا ھەمكارلىشىش.
3.   خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى  ئوقۇغۇچىلاردا پىكىر  بىرلىگى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش .
4.   خەلىقنىڭ ئېتىقادى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە مىللى ئەنئەنىلىرىنىڭ بۇلىغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق كىتاپ ۋە ماقالىلارنى ھازىرلاپ نەشىر قىلىش .
 
جەمئىيتىمىز ، ئاسارەتتىكى شەرقى تۈركىستان خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ، ۋەتەننىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا مۇۋاپىق ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ . 
 
جەمئىيتىمىز ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى بار، ئېتىقادى ساغلام ھەر بىر تۈركىستانلىقنى جەمئىيتىمىزگە ئەزا بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە دەپ ، قارايدۇ .


شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بىرى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بىر ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق قانچە تىلدا كىتاپ، ژۇرنال، تەشۋىقات راۋاقلىرى نەشىر قىلىپ، تارقاتتى. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ۋە ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، گۈزەل ئەخلاق تەربىيىسى، دىنى تەلىم تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشنى باشلىدى. ئىنتېرنېت تور بېتى ۋاستىسى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ، ئىشكەنجىلىرىنى پاش قىلىپ، دۇنياغا 6 خىل تىلدا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل تۈردە كىتاپ ـ ژۇرنال ، ئۇنئالغۇ سىنئالغۇ VCD   پىلاستىنكىلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ تارقاتماقتا.

 

جەمئىيىتىمىز يەنە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارغا ئوقۇش راسخۇتى ھەل قىلىپ كەلمەكتە، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاش ئۈچۈن روخسەت كېنىشكىسى ھەل قىلىش، تۈركىيە گىراژدانلىققا قوبۇل بولالماسلىقتەك قىيىنچىلىقلارنى  ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىپ كەلمەكتە.

 



نەشىر ھوقۇقى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2009، 2010.2010
روخسەتسىز ۋە مەنبە كۆرسەتمەستىن تارقىتىلماس

Adresi: Ördek Kasap Mah. Millet Cad Gülşen Apt. No: 108 D:5 Fatih / İstanbul / Türkiye
Tel: +90-212-523 28 77Fax: +90-212-523 28 76
web: www.maarip.org E-mail: info@maarip.org
RSS 2.0

Notice: Undefined variable: advertStatus in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\footer.php on line 1

Notice: Undefined variable: advertStatus in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uy\inc\footer.php on line 3