Notice: Undefined index: view in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uyghur\components\com_content\views\article\view.html.php on line 156
Notice: Undefined index: view in D:\hshome\yasheng\maarip.org\uyghur\components\com_content\views\article\view.html.php on line 158
غازات قىلىپ ئەرك ئۈچۈن چىققىنىڭدا ئاتلىنىپ،
تىتىرەپ كەتتى بەزگەكتەك ئىت خىتاينىڭ يۈرىگى،
يەر ئاسماندىن ئوقىنى ياغدۇرسىمۇ يامغۇردەك،
جاسارىتىڭ ئالدىدا قالدى سانسىز ئۆلىگى.
بوغقىنىدا خەلقىڭنى مۇدھىش زۇلۇم سىرتمىغى،
شۇ سىرتماقنى ئۈزمەك چۈن ئۇرغۇتتۇرساڭ قېنىڭنى،
ھۆر ئازات بوپ جاھاندا ياشىماق چۈن ئىنساندەك،
مىللىتىڭنىڭ بەختى چۈن پىدا قىلدىڭ جېنىڭنى.
ئانىلار ھەم بۇۋاقلار قىلىنغاندا قەتلىئام،
جاھان ئەھلى خىتايغا ئاتتى لەنەت تېشىنى،
شۇ ۋەھشىيلىك دىللاردا قوزغىغاچقا ئىنتىقام،
شۇ پاشىستلار ئاقىۋەت يەيدۇ جەزمەن بېشىنى.
چىقىۋاتسا بىر تال تاش مىليارت توننا ياڭاقنى،
تامچا زەھەر تېتىغاي قانچىلاپ داش قازانغا،
ھەقنى سۆيگەن مەرتلىگىڭ سۆيۈندۈرگەچ خەلقىڭنى،
ئايلاندى گۈل ھاياتىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس چولپانغا.
ئەي سۆيۈملۈك غازىلار، ھەم قەھرىمان شەھىدلەر،
سىلەر ياققان ئۆچمەس ئوت، ئايلانغۇسى يانغىنغا،
تامچا قاندىن توغۇلدى، سانسىز ئەۋلات ۋارىس بوپ،
يالماۋۇز چىن تەختىنى غەرق قىلغاي تاشقىندا.
ئەجداد روھى كۆلمەكتە بۇ ئۇلۇغۋار ئىسياندىن،
ھەر قىياپەت غەزەپتىن كەلدى ئەنە لەرىزىگە،
قەد كۆتۈرۈپ ئازاتلىق ھەم ئادالەت ئاخىرى،
ھەقىقەتنىڭ سۇلتانى چىققاي ئاخىر تەختىگە.
شەرقى تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجاندىن تەركىپ تاپقان ئىككى كىشىلىك ھەيئەت جەمئىيەت نامىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن شېۋېتسىيىگە يۈرۈپ كەتتى.
