نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى كۆتۈرگەن ، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا، بارىن، خوتەن، غۇلجا ۋەقەلىرىنى ئونۇتمىدۇق ، ئونۇتمايمىز دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانا ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.


نامايىشچىلار، قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا دەرۋازىغا يېقىنلاپ كەلگەندە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچىرىدى، نامايىشچىلار يەنە خىتاي باش مىنىستىرى خۇجىنتاۋنىڭ رەسىمى چاپلانغان ۋە خىتاي بايرىقى كەيدۇرۇلگەن بىر چوڭ ھەجىمدىكى قورچاقنى ئېلىپ كېلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئو قورچاققا ئوت يېقىپ كۆيدۇرۇپ تاشلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا رادىئو - تېلىۋېزىيە مۇخبىرلىرى، گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلارنىڭ مۇخبىرلىرى كەلگەن ئىدى.

نامايىش جەرىيانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسىرى كەتمىگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىنى مۇھاسىرگە ئالغان ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ب د ت نى ، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنى ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشىغا چاقرىق قىلدى. شۇنداقلا ئاخباراتچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە رادىئو - تېلىۋېزىيە، گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپلەپ ئۇچۇر ئېلان قىلىشلىرىنى تەۋسىيە قىلدى.

نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى خىتاي قۇراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئاقتۇ ناھيىسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ قېرى - ياش دېمەستىن ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، بۇ ۋەھشىيلىككە دۇنيا جامائىتىنىڭ، ب د ت نىڭ، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئەيبلىدى.
ئاخىرىدا، نامايىشچىلاردىن 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت ساقچىلارنىڭ روخسەت قىلىشى بىلەن، خىتاي كونسۇلىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەككە 'شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسى' دېگەن ھەجىملىك خەت يېزىلغان. تۈركىيىدە قاراچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەر ئۈچۈن قويۇلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تور بېتى ئۈچۈن بايتاش خەۋىرى
